Home سالوندىكى ئەڭ ئاخىرقى يازما
Post
Cancel

سالوندىكى ئەڭ ئاخىرقى يازما

سالون تاقىۋىتىلىش ئالدىدا، باشقا سەۋەبتىن ئەمەس، ئۆزۈم ماڭغۇزغۇم كەلمىدى.

سالوندىكى پايدىلىق دەپ قارىغان مەزمۇنلارنى ساقلىۋىلىشڭلارنى تەسىيە قىلىمەن، بوممىسا پات ئارىدا يوقاپ كىتىدۇ.

تۆۋەندە سىلەگە دەيدىغان ئىككى ئېغىز سۆزۈم بار، مەن مۇشۇ سالوننى ماڭغۇزغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ئىرىشكەن ساۋاقلىرىم.

  • دۇنيادا ئۆزىمىز ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كىرەك.

باشقىلار ئۈچۈن تىرىشىدىغان ئادەم، يەنى ئاتا -ئانام ئۈۈچۈن، ۋەتىنىم ئۈچۈن تىرىشىمەن دىگەنلە يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قاغانلا ھىسابلىنىدۇ. پەقەت ئۆزى ئۈچۈن تىرىشالىسا، ئۇ ئادەم ئاندىن باشقىلارنى رازى قىلالايدۇ.

ئىسىڭلاردا بولسۇن، ئاتا-ئانىمىز بىزنى بېقىپ چوڭ قىلىپ ھەرگەزمۇ بىر كۈنى ئۆزلىرىنى باقارمىكىن، ماڭا پۇل تېپىپ بىرەرمىكىن دىمەيدۇ. ئۇلارنىڭ بىردىنبىر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان نەرسىسى بولسا، بىزنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ھالىتىمىز.

مەن ئۇيغۇرتىلى ئۈچۈن بۇ سالوننى قۇرغان، شۇنداق بۇمىنىڭ ئەسلى مۇددايىم ئىدى. ئەمما كىيىن بۇنىڭ بىر تۇيۇق يول ئىكەنلىكىنى بايقىدىم، چۈنكى مەن سالونغا يوللىغان تىمىلارنى كۆپ ئادەم كۆرمەيتتى، چۈنكى ئۇلار چۈشەنمەيتتى.

  • تاللاش ئېلىپ بارغاندا، ئۆزىمىزنىڭ روھىغا ياخشى بولغاننى تاللىشىمىز كىرەك، ھەرگىزمۇ شەيتانغا ئەمەس!

نۇرغۇن ۋاقىتلاردا ئادەم ئۆزىگە ھوزۇر بېغشلايدىغان ئىشلارنى تاللايدۇ، يەنى ئۇخلاش، كىنو كۆرۈش، ئويۇن ئويناش دىگەندەك. ئەمما بەزى ۋاقىتلاردا بىز ئۆزىمىزنى زولاپ تۇرۇپ توغرا بولغان ئىشنى قىلىشىمىز كىرەك!

  • مىنىڭ ئەقىللىق ئادەمنى باسالاش پىرنسىپىم تۆۋەندىكىدەك.
    • ئۆز ئالدىغا ئۈگىنىش ئىقتىدارى بولۇشى
    • مەسىلىگە يولۇققاندا ئاۋۋال ئۆزى ھەل قىلىشى، ھەرگىزمۇ قانداق كىچىك-چوڭ مەسىلىگە يولۇقسىلا باشقىلاردىن ياردەم سوراش ئەمەس. ئاۋۋال ئۆزىمىز تىرىشىپ ھەل قىلىپ بېقىشىمىز كىرەك.
    • خىيالغا مول بولۇشى
    • كەمتەر بولۇشى، ھەرگىزمۇ توردىن بىرتال نەرسىنى ئۈگىنىۋىلىپ ھەممە يەردە داۋراڭ سېلىش ئەمەس.

    مەن ئەقىللىق ئادەملەر بىلەن بىللە بولۇشنى تاللىدىم، مەن نادانلاردىن يىراق تۇرۇشنى تاللىدىم. مەن باشقىلارغا باش ئىگىشتىن ئېچىندىم، ھەم بېشىمنى كۆتۈرۈپ مەغرۇر ياشاشنى تاللىدىم.

تىرىشقايسىلەر، مۇمكىن بولسا تىرىشىش يولىدا ئۇچرىشىپ قېلىشىمىز مۇمكىن.

This post is licensed under CC BY 4.0 by the author.