Home سىستىما Unix, Linux, iOS, Android لارنىڭ دۇنياغا كىلىشى
Post
Cancel

سىستىما Unix, Linux, iOS, Android لارنىڭ دۇنياغا كىلىشى

سىستىمىلارنىڭ دۇنياغا كەلگەن ۋاقتى

سىستىملار دۇنياغا كەلگەن ۋاقتى
Unix 1969-يىلى
Linux 1991-يىلى
IOS 2007-يىلى 1-ئاي
Android 2007-يىلى 11-ئاي

Unix نىڭ دۇنياغا كىلىشى

1969-يىلى، Bell تەجرىبىخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى Ken Thompson بىر Space Travel دەيدىغان كومپىيۇتىر ئويۇنى يازىدۇ، ھەمدە ئالدى كەينى بولۇپ بىرقانچە سىستىمىلاردا ئىجرا قىلىپ باقىدۇ، لىكىن ئۈنۈمى ئۆزى ئويلىغاندەك چىقمايدۇ، شۇڭا ئۆزى مەشخۇلات سىستىمىسىدىن بىرنى كەشىپ قىلىش نىيىتىگە كىلىدۇ، ھەمدە مۇشۇنداق قىلىپ Unix دۇنياغا كىلىدۇ.

0

بېل تەجرىبىخانىسى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ۋاقىتتا مەڭگۈلۈك ئىلاھ بولۇپ، ئاخىرىدا مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش سەۋەبىدىن پارچىلىنىدۇ، بۇ ھەم بېل تەجرىبىخانىسى دەۋرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىپ، كىشىنى ھەقىقەتەن ھەسرەتلەندۈرىدۇ.

Linux نىڭ دۇنياغا كىلىشى

1991-يىلى، Linus Torvalds ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا، شەخسىي قىزىقىشى ئۈچۈن Linux نى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، UNIX نىڭ مىكرو نۇسخىدىكى باراۋەر ئىدى. Linus Torvalds ئارقىدىن Linux مەنبە كودىنى ئاشكارىلاپ، باشقىلار بىلەن بىرگە Linux نى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تەكلىپ قىلغان.

1

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا Linus Torvalds نىڭ كودى Linux كودىنىڭ 2% نى ئىگىلەيدىكەن، ئەمما ئۇنىڭ ئىسمى مەڭگۈ ئالاقە تورى تەرەققىيات تارىخ بېتىگە يېزىلىدۇ.

Unix نى يادرو قىلغان IOS نىڭ دۇنياغا كىلىشى

IOS بولسا ئالما شىركىتى ئەڭ بۇرۇن 2007-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى Macworld چوڭ يىغىنىدا بۇ سىستېمىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئەڭ دەسلەپتە iPhone دا ئىشلىتىشكە لايىھەلەنگەن، كېيىن كەينى-كەينىدىن iPod touch، iPad لاردا ئىشلىتىلگەن.

2

macOS مۇ IOS كە ئوخشاش Unix تۈرىگە كىرىدىغان سودا مەشغۇلات سىستېمىسى.

Linux نى يادرو قىلغان Android نىڭ دۇنياغا كىلىشى

2007-يىلى 11-ئايدا، Google بىلەن 84 قاتتىق دېتال ياساش سودىگىرى، يۇمشاق دېتال ئېچىش سودىگىرى ۋە تېلېگراف تىجارەت سودىگىرى بىرلىكتە ئېچىۋېتىلگەن يانفون ئىتتىپاقى قۇرۇپ، Android نى تەتقىق قىلغان ھەمدە سىستېمىسىنى بىرلىكتە ياخشلىغان.

3

ئارقىدىن گۇگۇل Apache ئوچۇق مەنبەلىك ئىجازەتنامە بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئاندىرويىد بولسا بىر خىل Linux ئىچكى يادروسى (GNU بىرىكمە دېتالىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ئاساسىدىكى ئەركىن ۋە ئوچۇق ئەسلى كود مەشغۇلات سىستېمىسى.

خۇلاسە

شۇڭا بىز ناھايىتى ئېنىق قىلىپ بىر لىنىيە ياساپ چىقتۇق، ئۇ بولسىمۇ:

Linux بولسا Unix دىن ئاددىيلاشتۇرۇپ كەلگەن، Linux بولسا Android نىڭ ئىچكى يادروسى.

Unix بولسا IOS ۋە macOS نىڭ ئىچكى يادروسى.

4

This post is licensed under CC BY 4.0 by the author.